ھاۋا قۇتقۇزۇشتىن باشقا، تىك ئۇچار ئايروپىلانلار ھاۋا ساياھىتى قورالى سۈپىتىدە خىزمەت قىلالايدۇ، ساياھەتچىلەرگە بېيجىڭنى كۆرۈش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ. بىر مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ ھازىر 7 ھاۋا ساياھىتى لىنىيەسىنى ئاچقان بولۇپ، 15 مىنۇتلۇق ساياھەتنىڭ ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن 2280 يۈەن، 20 مىنۇتلۇق ساياھەتنىڭ ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن 2680 يۈەن ئىكەن. ئەگەر ئايروپىلان ئىجارە ئالسىڭىز، باھاسى سائىتىگە 35 مىڭ يۈەندىن 50 مىڭ يۈەنگىچە بولىدۇ. ئۇنداقتا، تىك ئۇچار ئايروپىلان قونۇش مەيدانى قۇرۇش پىلانى قانداق؟